بېلارۇسىيە خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشنى  باشلىدى

بېلارۇسىيەدىكى پىرېزىدېنتلىق سايلىمى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 08:00 دا باشلىنىپ، سائەت 20:00 دا بېلەت ساندۇقلىرى قۇلۇپلىنىش بىلەن ئاياغلىشىدۇ.

2234442
بېلارۇسىيە خەلقى يېڭى پىرېزىدېنتىنى سايلاش ئۈچۈن بېلەت تاشلاشنى  باشلىدى

مەركەزىي سايلام كومىتىتىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 6 مىليون 900 مىڭ 504 سايلاغچى، 5 مىڭ 325 سەندۇقتا بېلەت تاشلايدۇ.

سايلامنى مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن بولۇپ، تەخمىنەن 500 خەلقئارالىق كۆزەتچى كۈزىتىدۇ. تۈركىيەدىنمۇ ئالىي سايلام كېڭىشى باش ۋەكىلى ئەكرەم ئۆزۈبەك ۋە سايلام كېڭىشى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى جەلال ئالباي كۆزەتچى سۈپىتىدە سايلامنى نازارەت قىلىدۇ.

سايلام كۈنى ساندۇققا بارالمايدىغانلارنىڭ بالدۇرراق بېلەت تاشلىيالىشى ئۈچۈن  21 – يانۋاردىن 25 يانۋارغىچە سەندۇقلار قۇرۇلغان بولۇپ، مەركەزىي سايلام كومىتىتنىڭ بىلدۈرىشىچە، بۇ مەزگىلدە سايلاغچىلارنىڭ 41.81 پىرسەنتى بېلەت تاشلىغان.

سايلامدا پىرېزىدېنت ئالېكساندىر لۇكاشېنكو، بېلارۇسىيە لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى رەھبىرى ئولېگ گايدۇكېۋىچ، جۇمھۇرىيەتچى ئادالەت ۋە ئەمگەك پارتىيەسى رەھبىرى ئالېكساندىر خىژنياك، بېلارۇسىيە كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركەزىي كومىتېتىنىڭ بىرىنچى كاتىپى سېرگېي سىرانكوۋ ۋە مۇستەقىل نامزات، سودا سانائەتچى ئانا كانوپاتسكايا رىقابەتكە چۈشىدۇ.

بېلارۇسىيە پىرېزىدېنتى لۇكاشېنكونىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ ئاۋغۇستتا ئاياغلىشىشى سەۋەبىدىن سايلام ئۆتكۈزۈش قارارى چىقىرىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر