ئاقساراي: ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دەرھال ئۇزارتىلىشى كېرەك
ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى باياناتچىسى برايان خيۇگېس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە-لىۋان ئۆزئارا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەرھال ئۇزارتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2234373

خيۇگېس ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنىڭ شىمالىي رايونلاردىكى ئۆيلىرىگە بىخەتەر قايتىشىنى قوللايدىغانلىقىنى ۋە يېڭى لىۋان ھۆكۈمىتىنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «بارلىق تەرەپلەر ھىزبۇللاھنىڭ قايتىدىن لىۋان خەلقى ۋە قوشنىلىرىغا تەھدىت سېلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشىنى توسۇشى كېرەك» دېدى.
بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، «ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللاھ» ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ «دەرھال ئۇزارتىلىشى» كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن خيۇگېس، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ مەركىزىي رايونلاردىن چېكىنىشكە باشلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن، ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋان زېمىنىدىن تولۇق چېكىنىشىگە 48 سائەتتىن ئاز ۋاقىت قالغاندا، ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ «2023-يىل 27-نويابىردا كۈچكە ئىگە بولغان ئۆزئارا ئوق چىقىرىشنى توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىنى ئورۇنلىمىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىن چېكىنىشى كېرەك بولغان 1-ئاينىڭ 26-كۈنى يەكشەنبە كۈنى تولۇق چېكىنەلمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.