ئاقساراي باياناتچىسى: قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش باشلاندى

ئاقساراي باياناتچىسى كارولىن لېۋىت ئىجتىمائىي تاراتقۇدىكى ئادرېسىدا ئۇچۇر ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2234360
ئاقساراي باياناتچىسى: قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىش باشلاندى

لېۋىت ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بۇ ھەقتە ئۇچۇر تارقاتتى؛ رەتكە تىزىلغان كىشىلەر ھەربىي ئايروپىلانغا چىقىرىلىۋاتقان بىر پارچە سۈرەتنىمۇ تارقاتقان لېۋىت: «چېگرادىن چىقىرىۋېتىش ئۇچۇشلىرى باشلاندى» دېدى.

ئۇ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئوچۇق ۋە كۈچلۈك ئۇچۇر يوللىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەگەر ئامېرىكاغا قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق كىرسىڭىز، ئېغىر ئاقىۋەتلەرگە دۇچار بولىسىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ دۆلەتتىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، 2019-يىلىدىكىگە ئوخشاش يەنە ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك «دۆلەتلىك جىددىي ھالەت» ئېلان قىلىپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

قاتتىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ چېگرادىكى قانۇنسىز كۆچمەنلەر ئېقىمىغا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان ترامپ، ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش مەقسىتىدە يېڭى بىر پىرېزىدېنتلىق پەرمانى ئىمزالاپ، چېگراغا قوشۇمچە 1500 ھەربىي ئەۋەتىشنى قارار قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر