پەلەستىنلىك ئامېرىكا پالاتا ئەزاسى: ئىسرائىلىيەنى پەقەت قورال ئېمبارگوسىلا توختىتالايدۇ
راشىدا (رەشىدە) تىلەيب، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى توختاتمىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنى پەقەت قورال ئېمبارگوسىنىڭلا توختىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
2234359

پەلەستىنلىك ئەسىللىك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پالاتا ئەزاسى راشىدا (رەشىدە) تىلەيب، ئىسرائىلىيەنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىقى»نى توختاتمىغانلىقىنى، ئىسرائىلىيەنى پەقەت قورال ئېمبارگوسىنىڭلا توختىتالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
راشىدا تىلەيب ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە تۈزۈمىنىڭ غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتا بالىلارنى ئۆلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ پەلەستىنلىكلەر قەدىرسىز دەپ قارالغاچقا، چوڭ خەۋەر تېمىسى قىلىنمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ ئۇچۇرىدا: «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئاخىرلاشمىدى؛ ئىسرائىلىيەگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈلمىگۈچە ھەرگىز توختىمايدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بەردى.
ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ 2-كۈنى غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى رافاھ شەھىرىدە 3 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.
رافاھ شەھەر مەركىزىدىكى ئىسرائىلىيە مەرگەنلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى نەتىجىسىدە زەكەرىيا ھامىد يەھيا ئىسىملىك پەلەستىنلىك بىر بالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، ئۇنىڭ جەسىتىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان يەنە بىر بالا يارىلانغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.