لاۋروۋ كىيېۋ ۋە غەربنىڭ تىنچلىق سۆھبىتىگە تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ كىيېۋ ۋە غەربنىڭ تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
2234365

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋنىڭ سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، لاۋروۋ رۇسىيەنىڭ سۈرىيەدىكى يېڭى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى، سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىنسانپەرۋەر ياردەملەرگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي بازىلىرىنى ياردەم مەركىزى سۈپىتىدە ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قورال بىلەن تەمىنلەشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى، «تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش زۆرۈر» دېگەن سۆزلەر كۆپەيگەن بولسىمۇ، كىيېۋ ۋە غەربنىڭ بۇنىڭغا ھېچقانداق ئىجابىي ھەرىكىتىنىڭ بولمىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇكرائىنادا «سۆھبەت چەكلىمىسى» داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، تىنچلىق سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش قىيىن ئىكەن. رۇسىيە بولسا، 2022-يىلدىكى كېلىشىملەر ئاساسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە تەييار ئىكەن.
لاۋروۋ غەربنىڭ بېسىمى سەۋەبىدىن رۇسىيە-ئەرمېنىيە مۇناسىۋىتىنىڭمۇ قىيىن باسقۇچتىن ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، غەربنىڭ ئەرمېنىيەنى رۇسىيە بىلەن بولغان ئەنئەنىۋى مۇناسىۋىتىنى بۇزۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.