يەھۇدىي پوپ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ماختاندى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە 470 كۈندىن ئارتۇق زاپاس ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلغان يەھۇدىي پوپ ئابراخام زېربىب غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ماختاندى.

2233815
يەھۇدىي پوپ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى بىلەن ماختاندى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سېپىدە 470 كۈندىن ئارتۇق زاپاس ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلغان يەھۇدىي پوپ ئابراخام زېربىب، بىر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ سۆھبەت پىروگراممسىىدا ئۆزىنىڭ غەززەدە سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلدى.

زېربىب خىزمەت مۇددىتى جەريانىدا ھەپتىسىگە ئوتتۇرىچە 50 ئۆينى ۋەيران قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ كۆپ قەۋەتلىك بىنالار ئىكەنلىكىنى، ھەتتا ئىككى قەۋەتلىك ئۆيلەرنى چېقىشنىڭ ئۆزىنى قانائەتلەندۈرمىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن غەززە خەلقىنىڭ قايتىدىغان ئۆي-ماكانىنىڭ قالمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «رەفاھ، جىبالىيە دەيدىغان بىر يەر يوق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يوقالدى. بەيت لاھىيا ۋە بەيت ھانۇننىڭ پەقەت يېرىمىنى ۋەيران قىلالىدۇق، بىز ئۇ يەرگە كىرەي دەپ قالغاندا كېلىشىم تۈزۈلۈپ قالدى» دېدى.

زېربىب بۇلدوزېر بىلەن كۆپ قەۋەتلىك بىنالارنى چېقىشنىڭ «تەسۋىرلىگۈسىز تۇيغۇ» ئىكەنلىكىنى، غەززەدە بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى سۆز بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «يىغىۋالىدىغان ئادەم بولمىغاچقا، ئىت-مۈشۈكلەر يەپ تۈگەتكەن مىڭلارچە ئۆلۈك بار... ئۇلار بەزى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى، مەن ئاقىۋەتنى ياقتۇرمىغانلىقىمىزنى دېيەلەيمەن. ئەسكەرلەر ئۈچۈن بىر ئاز ئەندىكتۈرگۈچى بولدى، ھەممەيلەن قايتالمىدى. كۆڭلىمىزدە بىر نەرسىلەر بار، بىز بۇنداق ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى بىلمەيتتۇق، مەن بۇنىڭ ئاخىرقى ئىش بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۇلارنىڭ سىرتقا قانداق چىققانلىقىنى سىلەرمۇ كۆردۈڭلار، يەنە قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشىمىز بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر