سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پ ك ك / ي پ گ نى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئەبۇ قەسرا پايتەخت دەمەشىقتە بايانات بېرىپ، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى تارقىتىۋېتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

2233848
سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى پ ك ك / ي پ گ نى قاتتىق ئاگاھلاندۇردى

سۈرىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئەبۇ قەسرا پايتەخت دەمەشىقتە بايانات بېرىپ، پ ك ك / ي پ گ تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنى تارقىتىۋېتىشى كېرەكلىكىنى، ئۇنداق قىلمىسا، سۈرىيەنىڭ ھەر خىل سېنارىيەگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ دۆلەت ئارمىيەسىنى قوراللاندۇرۇش مەسىلىسىدە نۇرغۇن دۆلەت بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغانلىقلىرىنى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەدىكى مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدا تۈركىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقلىرىنى قەيت قىلىپ: «تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ» دېدى.

پ ك ك / ي پ گ تېررورچىلىرىنىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدا تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەبۇ قەسرا، سۈرىيە ئارمىيەسىنىڭ پات يېقىندا ئۇ جايلارغا كىرىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيەدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىخەتەرلىك كۈچلىرى دەيرۇززوردا ئېغىر تىپلىق قوراللار ۋە ھەربىي مارشلار ھەمراھلىقىدا پارات ئۆتكۈزدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر