كىرېمىل: ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرى تەھدىتى يېڭى ئەھۋال ئەمەس

رۇسىيە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى — كىرېمىل باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ رۇسىيەگە قارىتا جازا تەدبىرى قوللىنىش تەھدىتىدە يېڭى ئامىل كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

2233893
كىرېمىل: ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرى تەھدىتى يېڭى ئەھۋال ئەمەس

پېسكوۋ پايتەخت موسكۋادا مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ترامپنىڭ تۇنجى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىمۇ جازا تەدبىرى قوللىنىشنى ئەڭ كۆپ ئىشلەتكەن پىرېزىدېنت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ ئۇسۇلنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ باياناتلىرىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن پېسكوۋ: «بىز باراۋەر شەرت ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ئاساسىدىكى دىيالوگقا تەييار تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز. بۇ خىل دىيالوگ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ترامپ ئوتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەنىدى. بىزمۇ بۇ جەھەتتە بىرەر ئىلگىرىلەش بولمىسىمۇ، سىگناللارنىڭ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتىمىز» دېدى.

پېسكوۋ يەنە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيە مەبلەغلىرىگە قارىتا تاشلىغان «دوستانە بولمىغان» قەدەملىرىنىڭ جاۋابسىز قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى ھەمدە ئەرمېنىيەنىڭ كوللېكتىپ بىخەتەرلىك شەرتنامىسى تەشكىلاتىدىن چىقىش مەسىلىسى توغرىسىدا توختىلىپ، ئەرمېنىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ تەشكىلاتتىن چىقىش نىيىتىنى بىلدۈرمىگەنلىكىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر