غەززەدىكى خارابىلىكلەردىن 162 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى تېپىلدى

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى غەززە ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولغان ئۆيلەرنىڭ خارابىلىكلىرى ئاستىدىن ھازىرغىچە 162 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

2233837
غەززەدىكى خارابىلىكلەردىن 162 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى تېپىلدى

غەززە پۇقراۋى مۇداپىئە باشقارمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇن، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان غەززەدىكى بىنالارنىڭ خارابىلىقىدىن يەنە 9 كىشىنىڭ جەسىتى تېپىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بۇ جەسەتلەرنىڭ ئىككىسىنىڭ شىمالدىكى غەززە شەھىرىدىن، يەتتىسىنىڭ جەنۇبتىكى رايونلاردىن چىقىرىلغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا، 19-يانۋاردىن بۇيان خارابىلىقلاردىن تېپىلغان جەسەتلەر سانىنىڭ 162 گە يەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.

باشقارمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، غەززەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى خارابىلىقلار ئاستىدا مىڭلىغان جەسەتلەرنىڭ قالغانلىقى مۆلچەرلىنىۋاتقان بولسىمۇ، كىران قاتارلىق ماشىنىلارنىڭ يوقلۇقى سەۋەبىدىن، پۇقراۋى مۇداپىئە گۇرۇپپىلىرىنىڭ خارابىلىكلەرنى تازىلاش ئىمكانىيىتى چەكلىك بولماقتا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر