ئىران ئالىي سوتى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى

ئىران ئالىي سوت مەھكىمىسى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا تېررور ھۇجۇمى قىلغان شەخسكە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى.

2233412
ئىران ئالىي سوتى ئەزەربەيجان ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلىدى

ئىران ئالىي سوت مەھكىمىسى باياناتچىسى ئەسغەر جىھانگىر، ھۇجۇمچىنىڭ دېلوسىنىڭ ئالىي سوت تەرىپىدىن تەستىقلانغانلىقىنى ۋە جازانى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن جىنايى سوتقا ئەۋەتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

2023-يىلى 27-يانۋار كۈنى قىلىنغان ھۇجۇمدا ئەلچىخانىنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى جېنىدىن ئايرىلغان، ئىككى بىخەتەرلىك خادىمى يارىلانغانىدى. ھۇجۇم قىلغۇچىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە ۋەقەنىڭ شەخسىي مەسىلىلەر سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلگەنىدى.

ئەزەربەيجان ھۇجۇمدىن كېيىن ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيىتىنى توڭلاتقان بولۇپ، 2024-يىلى قايتا ئېچىۋەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر