لوس ئانژېلېستا داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 28 گە يەتتى
ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتىغا قاراشلىق لوس ئانژېلېس شەھىرىدە كۈنلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن قازا قىلغانلارنىڭ سانى 28 گە يەتتى.

ئامېرىكا مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، دۆلەتتە 16 كۈندىن بېرى ئوت ئاپىتىگە قارشى كۈرەش داۋاملاشماقتا.
لوس ئانژېلېس رايونى تېببىي ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ باياناتىغا كۆرە، ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 28 گە يەتكەن.
كالىفورنىيە ئورمانچىلىق ۋە ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئەلىنىش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، پالىسادېس رايونىدا چىققان ۋە تەخمىنەن 24 مىڭ مو يەرنى كۈل قىلغان ئوت ئاپىتىنىڭ 65 پىرسەنتى، 14 مىڭ مو ئەتراپىدىكى رايونغا تارقالغان ئېتون ئوت ئاپىتىنىڭ بولسا 89 پىرسەنتى كونترول ئاستىغا ئېلىنغان.
كالىفورنىيەنىڭ جەنۇبىدىكى سان دىيېگودا تۈنۈگۈن كۈچلۈك شامال سەۋەبىدىن چىققان لىلاك ئوت ئاپىتى 85 كە يېقىن كىشىنىڭ كۆچۈرۈلۈشىگە سەۋەب بولغان.
مەسئۇللار، 200 گە يېقىن ئوت ئۆچۈرۈش خادىمى ئەۋەتىلگەن لىلاك ئوت ئاپىتىنىڭ 50 پىرسەنت نىسبىتىدە كونتروللۇق ئاستىغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
لوس ئانژېلېستا 7-يانۋار سەھەردە پاسىفىك پالىسادېس رايونىدا باشلىنىپ، ئېتون، خۇرست، سانسېت، ۋۇدلېي رايونلىرى قاتارلىق پۈتۈن ئەتراپقا تېز سۈرئەتتە تارقالغان ئوت ئاپىتىنىڭ جەمئىي زىيىنى ۋە ئىقتىسادىي چىقىمىنىڭ 250 بىلەن 275 مىليارد دوللار ئەتراپىدا بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.