غەززەدە ھاياتلىقنىڭ ئۈمىد چىرىغى يەنە قايتا ياندى

غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، رايوندىكى ۋەيرانچىلىقلار كۈن يورۇقىغا چىقىشقا باشلىدى.

2233191
غەززەدە ھاياتلىقنىڭ ئۈمىد چىرىغى يەنە قايتا ياندى

غەززەنىڭ شىمالىنىڭ %80 ى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا ۋەيران بولدى. خارابىلىكلەرنى يۆتكەش جەريانىدا، 120 پەلەستىنلىكنىڭ جەسىتى چىقىرىلدى. ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان بولسىمۇ، سەرگەردان پەلەستىنلىكلەر ئۆيلىرىگە قايتىشماقتا.

ۋەيران بولغان غەززەدە ئۈمىد يەنىلا بار. ھاماس سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى خېلىل ئەلھاييې قايتا قۇرۇلۇش خىزمەتلىرىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بىز بۇزىدىغان ئەمەس، بەلكى ياسايدىغان خەلق. بىز دوستلىرىمىزنىڭ قوللىشى بىلەن، ئىسرائىلىيەنىڭ ۋەيران قىلغانلىرىنى قايتا قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى.

پەلەستىنلىكلەر خارابىلىكتىن يېڭى ھايات بەرپا قىلىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە. ھەتتا نۇسەيراتنىڭ ۋەيران بولغان كوچىلىرىدا بازار قۇرۇلدى. ئۇرۇش توختىتىلغاندىن كېيىن، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ماشىنىلىرى غەززەگە كىرىشكە باشلىدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سەيشەنبە (21-يانۋار) كۈنى 897 ياردەم ماشىنىسىنىڭ غەززەگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىسىر بىلەن غەززە ئارىسىدىكى رەفا چېگرا ئېغىزىنىڭ پەلەستىن تەرەپتە ئېلىپ بېرىلىدىغان رېمونت ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشتىن كېيىن، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىش كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتى.

جېنىندا 10 پەلەستىنلىك قىرغىن قىلىندى، 40 ئادەم يارىلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى ھۇجۇمى سەۋەبىدىن 600 دىن ئارتۇق پەلەستىنلىك جېننى مۇساپىرلار لاگېرىدىن ئايرىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يەنە شەرقىي قۇددۇستىكى شۇئافات مۇساپىرلار لاگېرىدا بىر پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر