فىرانسىيە مەھكىمىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

فىرانسىيە سۈرىيەنىڭ ئاغدۇرۇۋېتىلگەن رەئىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى.

2233377
فىرانسىيە مەھكىمىسى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جېئان-نوئېل باررو ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «فىرانسىيە سوتى بەششار ئەسەد ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقاردى. مەن سەدنايا تۈرمىسىدە رەھىمسىزلىكىنى كۆرگەن بۇ تۈزۈمنىڭ جىنايەتلىرى جازاسىز قالماسلىقى كېرەك. فىرانسىيە سۈرىيەلىكلەر ئۈچۈن ئادالەتنىڭ بەرپا بولۇشى ئۈچۈن سەپەرۋەرلىككە كەلدى ۋە بۇنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېدى.

فىرانسىيە دۆلەتلىك تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىغا قارىغاندا، مەھكىمە، 2017-يىلى سۈرىيەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئەسلىي سۈرىيەلىك فىرانسىيە پۇقراسىنىڭ ئۆلۈمىگە مۇناسىۋەتلىك تەكشۈرۈش دائىرىسىدە ئەسەد ئۈستىدىن 16-يانۋاردا قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

فىرانسىيە سوت مەنبەلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، مەزكۇر تەكشۈرۈشكە مەسئۇل سوتچىلار، قەستەن قاتىللىق ۋە پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇم سەۋەبلىك ئۇرۇش جىنايىتىگە شېرىكلىك قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەسەد ئۈستىدىن 20-يانۋاردا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

باررو ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك، سۈرىيەدىكى بەئس تۈزۈمى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن 3-يانۋاردا پايتەخت دەمەشىقتىكى قىيىن-قىستاق بازىسى سەدنايا تۈرمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلغانىدى.

فىرانسىيەدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 2023-يىلى 15-نويابىردا، ئەسەد ئۈستىدىن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلىش ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە شېرىك بولۇش بىلەن ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغانىدى.

مەزكۇر سوت ئەسەدنى 2013-يىلى سۈرىيەنىڭ شەرقىي غۇتا رايونىدىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇملىرىدا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە ئۇرۇش جىنايىتىگە شېرىكلىك قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر