ئىران يېڭى مۇزاكىرىلەرگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىر مۇئاۋىنى كازىم غەرىبئابادى، ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئۈچۈن مۇزاكىرىگە تەييار ئىكەنلىكىنى، باشقا تەرەپلەرمۇ بۇ خىل ئىرادىگە كەلگەن ئەھۋالدا نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2232970
ئىران يېڭى مۇزاكىرىلەرگە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئىران رەسمىي ئاخبارات ئاگېنتلىقى — ئىرنانىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، غەرىبئابادى جەنۋە كېلىشىمى قوبۇل قىلىنغانلىقىنىڭ 75-يىللىق خاتىرە يىغىنىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ: «ئىران ئىلگىرىكىگە ئوخشاش جازا تەدبىرلىرىنىڭ بىكار قىلىنىشىغا قارىتىلغان مۇزاكىرىنى قايتا باشلاشقا تەييار. بىز ھەر دائىم بۇ ئىرادىگە ئىگە بولدۇق. باشقا تەرەپلەردىمۇ بۇ ئىرادە بولسا، سۆھبەتلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ ۋە نەتىجە چىقىدۇ» دېگەن.

سۆھبەتلەرنى قايتا باشلاپ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن مۇۋاپىق ئاساس ۋە پۇرسەتلەرنىڭ بارلىقىنى تىلغا ئالغان غەرىبئابادى، ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرىنىڭ خەلققە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئەمما نىشانىغا يېتەلمىگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئىرانلىق ئەمەلدار يەنە، يېقىندا ئۈچ ياۋروپا دۆلىتى (گېرمانىيە، ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە) بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەرنى تىلغا ئېلىپ، ياۋروپا بىلەن يېڭى بىر مۇزاكىرە باسقۇچىنى بېكىتىش ۋە مەسلىھەتلىشىشنى داۋاملاشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «يېڭى باسقۇچنىڭ ۋاقتىنى بىرلىكتە مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق بەلگىلەيمىز، ئەمما سۆھبەتلەرنىڭ داۋاملىشىشى توغرىسىدا ئورتاق تونۇشقا كەلدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر