ترامپ كۇبانى قايتىدىن «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ قارارنامەسىنى بىكار قىلىپ، كۇبانى قايتىدىن «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى.

2232945
ترامپ كۇبانى قايتىدىن «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ تۇنجى كۈنىدە نۇرغۇن پىرېزىدېنتلىق قارارنامىلىرىگە ئىمزا قويدى؛ ئاق ساراي بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپ ئىمزالىغان قارارنامىلەردىن بىرىنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان 78 قارارنامە ۋە ئىجرائىيەنىڭ بىكار قىلىنىشىنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ترامپنىڭ بايدىن ھۆكۈمىتى مەزگىلىدە ئىمزالانغان كۇباغا مۇناسىۋەتلىك قارارنامەنىمۇ بىكار قىلىپ، ئۇنى «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىگە قايتا كىرگۈزگەنلىكى قەيت قىلىندى.

بۇنىڭ بىلەن، كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىئاز-كانېل ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ترامپنىڭ بۇ قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى ۋە ئۇ «مەسخىرە ۋە سۇيىئىستىمال» دەپ باھا بەرگەن بۇ ھەرىكەتنىڭ «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تىزىملىكى ۋە بىر تەرەپلىمە بېسىم مېخانىزمىلىرىنىڭ ئىشەنچسىزلىكىنى تەستىقلىغانلىقى»نى بىلدۈردى.

ئاق ساراي 14-يانۋاردا بايانات ئېلان قىلىپ، دۆلەت مەجلىسىگە يوللانغان رەسمىي ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، كۇبانىڭ «تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن چىقىرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنىدى.

قاراردىن كېيىن، كۇبادا ھەرخىل جىنايەتلەر بىلەن جازاغا ھۆكۈم قىلىنغان بەزى مەھبۇسلارنىڭ قەدەممۇ قەدەم قويۇپ بېرىلىشكە باشلانغانلىقى جاكارلانغان ئىدى.

ئىلگىرىكى ئامېرىكا پىرېزىدېنتلىرىدىن باراك ئوباما 2015-يىلى 29-ماي كۇبانى تېررورلۇققا ياردەم بەرگۈچى دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقارغان ئىدى. ئەمما ئۇنىڭدىن كېيىن ۋەزىپىگە كەلگەن ترامپ ھۆكۈمىتى 2021-يىلى يانۋاردا، تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، ۋەزىپە ئۆتەش مەزگىلىنىڭ ئاخىرقى ھەپتىسىدە كۇبانى قايتىدىن بۇ تىزىملىككە كىرگۈزگەن ئىدى.

تىزىملىكتە كۇبادىن باشقا يەنە شىمالىي كورېيە، ئىران ۋە سۈرىيە بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر