دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتى سۈپىتىدە رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەشنى باشلىدى
دونالد ترامپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ھالدا ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتى بولدى.
2232680

ترامپ ئىككىنچى پىرېزىدېنتلىق مەزگىلىدىكى تۇنجى نۇتقىدا، دۆلەتتىكى تەرتىپسىز كۆچمەنلەر مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ، 2019-يىلىدىكىگە ئوخشاش يەنە ئامېرىكا-مېكسىكا چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلىك جىددىي ھالەت جاكارلاپ، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى توسىدىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنى چېگرادىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ، كۆچمەنلەرنىڭ سوت دەۋالىرىنى كۈتۈش ئۈچۈن دۆلەت ئىچىگە قويۇپ بېرىلىشىنى مەزمۇن قىلغان جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ «تۇت ۋە قويۇپ بەر» سىياسەتلىرىگە خاتىمە بېرىدىغان بىر ئىجرائىيە بۇيرۇقى چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.
ئۇ نۇتقىدا تەرتىپسىز كۆچمەنلەرنى «جىنايەتچى» دەپ ئاتاپ، ئامېرىكانىڭ جەنۇبىي چېگراسىغا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
نۇتقى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ چاۋاك-ئالقىشلىرى بىلەن كۆپ قېتىم ئۈزۈلۈپ قالغان ترامپ، «پات ئارىدا مېكسىكا قولتۇقىنىڭ نامىنى ئامېرىكا قولتۇقى دەپ ئۆزگەرتىمىز» دېدى.
ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي سىياسىتى، ئايال ۋە ئەردىن ئىبارەت پەقەت ئىككىلا جىنسنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
پىرېزىدېنت دونالد ترامپ: «پاناما قانىلىنى قايتۇرۇۋالىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.