دۇنيا رەھبەرلىرى ترامپنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا ترامپنىڭ ئىككىنچى مەزگىللىك پىرېزىدېنتلىق دەۋرى باشلاندى.

2232941
دۇنيا رەھبەرلىرى ترامپنى تەبرىكلەشنى داۋاملاشتۇرماقتا

دونالد ترامپ قەسەم بېرىپ ئامېرىكانىڭ 47-پىرېزىدېنتى بولغاندىن كېيىن، دۇنيا رەھبەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تەبرىك تېلېگراممىلىرى يوللىدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاپ: «ئامېرىكانىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە دىيالوگ ئۆتكۈزۈشكە تەييارمىز» دېدى.

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىيمۇ، ئامېرىكانىڭ 47-نۆۋەتلىك پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنى تەبرىكلىدى ھەمدە ئۇنىڭ پىرېزىدېنت بولۇشىغا «دۇنياۋى مەسىلىلەر قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بىر ئۈمىد» دەپ باھا بەردى.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كېر ستارمېر ترامپقا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى.

سۈرىيەدىكى يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ رەھبىرى ئەھمەد شارامۇ دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما يوللىدى. شارا تېلېگراممىسىدا: «ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ راۋاجلىنىشىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن» دېگەن ئىبارىنى ئىشلەتتى.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئالىي ۋەكىلى كايا كاللاس: «بىز بىرلىكتە دۇنياۋى قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش يولىدا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ بىخەتەر بولىمىز» دېدى.

ناتو باش كاتىپى مارك رۇتتېمۇ ترامپنى تەبرىكلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر