ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان خەلققە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەربىي قىرغاقتىكى ئوفېر ھەربىي تۈرمىسىدىن پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى كۈتۈۋاتقان خەلققە ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە ئاۋاز بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىك تۇتقۇنلارنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 02:15 كىچە قويۇپ بەرگىلى ئۇنىمىدى.
راماللاھتا يېقىنلىرى بىلەن دىدارلىشىشنى سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلغان ئىسرائىلىيە كۈچلىرى خەلققە ياش ئاققۇزۇش گازى ۋە ئاۋاز بومبىسى بىلەن ھۇجۇم قىلدى، مۇخبىرلارنىمۇ رايوندىن يىراقلاشتۇرۇشقا ئۇرۇندى.
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقنىڭ نابلۇس ۋە ئەل-خەلىل شەھەرلىرىدە ئۆيلەرگە باستۇرۇپ كىرىش ھەرىكىتى ئېلىپ باردى.
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى پەلەستىنلىكلەرگە ئوق چىقىرىپ بىر كىچىك بالىنى ئېتىپ ئۆلتۈردى، 4 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇردى.
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى قويۇپ بېرىلىشى كۈتۈلىۋاتقان بىر پەلەستىنلىك تۇتقۇننىڭ شەرقىي قۇدۇستىكى ئۆيىگىمۇ باستۇرۇپ كىردى.
مۇخبىرلارنىڭ رايوندا ۋەقەنى سۈرەتكە ئېلىشىغىمۇ توسقۇنلۇق قىلدى.