ھاماس: «ھاماسنىڭ بۇ قېتىمقى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدە تۈركىيەنىڭ رولى ناھايىتى چوڭ»
ھاماس سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى مۇھەممەد نەززال قاتارنىڭ پايتەختى دوھادىكى ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرىنىڭ كېلىشىم نۇقتىسىغا كېلىشىدە، تۈركىيەنىڭ تەسىرىنىڭ ناھايىتى چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتتى.

ھاماس سىياسىي بيۇروسى ئەزاسى مۇھەممەد نەززال ھاماسنىڭ دوھادىكى ئىشخانىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
ئۇ باياناتىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى مۇزاكىرەلىرىگە تۈركىيەنىڭ ھەر دائىم يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى:
«تۈركىيە ھېچقاچان بۇ مۇزاكىرەلەردىن يىراق تۇرمىدى ۋە بولۇپمۇ يېقىنقى ئايلاردا يېقىندىن كۆزەتتى. ئىسرائىلىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئۈنۈملۈك رولىغا توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماستىن، بىز ھەر دائىم تۈركىيەنىڭ بىر شەكىلدە مۇزاكىرە جەريانىغا قاتنىشىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتۇق.»
ئۇرۇش توختىتىش مۇزاكىرەلىرىنىڭ كېلىشىم نۇقتىسىغا كېلىشىدە تۈركىيەنىڭ تەسىرىنىڭ چوڭ بولغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتقان نەززال: «تۈركلەر ئۈستەلدە بولمىسىمۇ مۇزاكىرەلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ۋە قەتئىي شەكىلدىكى نازارەتچىسى بولدى، تەرەققىياتلارنى داۋاملىق كۆزەتتى. مۇزاكىرەلەردە ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە تۈزۈلگەن كېلىشىمنىڭ بۇ نۇقتىغا كېلىشىدە تەسىرى ناھايىتى چوڭ بولدى» دېدى.