دونالد ترامپ تىكتوكنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى چىقتى
دونالد ترامپ، تىكتوكنىڭ چەكلىنىشىگە قارشى چىقىپ، ۋەزىپىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا بىر كۈن قالغاندا ئىجتىمائىي تاراتقۇدا يېڭى بىر بايانات ئېلان قىلدى ۋە قانۇننى كېچىكتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئامېرىكادا تىكتوكنى چەكلەش قانۇنى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. 170 مىليون ئىشلەتكۈچىسى بولغان خىتاي ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى تىكتوك، پروگرامما چۈشۈرۈش دۇكانلىرىدىن چىقىرىۋېتىلگەن ئىدى.
ترامپنىڭ ئۇچۇرىدىن كېيىن تىكتوك سۇپىسى، تور بېتى ئارقىلىق قايتا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئەمما پروگرامما دۇكىنىدا تىكتوك يەنىلا يوق.
7 مىليون كىچىك كارخانا بىلەن نۇرغۇن ئىشلەتكۈچىنىڭ تۇرمۇش مەنبەسى بولغان تىكتوك، ئامېرىكا پالاتاسى تەرىپىدىن خىتاي مەنبەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارالماقتا.
قانۇن، تىكتوكنىڭ ئىگىسى بولغان خىتاي مەركەزلىك بايت دانس شىركىتىنىڭ تىكتوكنى 19-يانۋارغىچە بىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىشىنى، ئەكسىچە بولغاندا زىيارەتنىڭ توختىتىلىشىنى ھۆكۈم قىلغان ئىدى.
شىركەت تىكتوكنى ئامېرىكا شىركىتىگە ساتمىغانلىقتىن قانۇن بويىچە پروگرامما چۈشۈرۈش رايونلىرىدىن چىقىرىۋېتىلدى.