دونالد ترامپ، كېننېدى سۇيىقەستىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سابىق پرېزىدېنتلاردىن جون ف. كېننېدى (JFK) سۇيىقەستىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاممىغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2232351
دونالد ترامپ، كېننېدى سۇيىقەستىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ھۆججەتلەرنى ئاشكارىلايدىغانلىقىنى ئېيتتى

ترامپ، پايتەخت ۋاشىنگتوندا بۈگۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۈچۈن يىغىلغان مىڭلىغان قوللىغۇچىلىرى بىلەن كاپىتال ۋان ئارېنا تەنتەربىيە زالىدىكى پائالىيەتتە بىر يەرگە جەم بولدى.

ترامپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن قىلىدىغان ئىشلىرىدىن بىرىنىڭ كېننېدى سۇيىقەستىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەتلەرنى ئاممىغا ئاشكارىلاش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

كېننېدىدىن باشقا يەنە ئۇنىڭ ئىنىسى روبېرت ف. كېننېدى ۋە مارتىن لۇتېر كىڭ سۇيىقەستلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ھۆججەتلەرنىمۇ ئاممىغا ئاشكارىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ترامپ: «ئاممىنىڭ چوڭ قىزىقىشىنى قوزغىغان باشقا مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنىمۇ ئاممىغا ئاشكارىلايمىز، ھەممىسى ئېلان قىلىنىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر