ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىقلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە داۋاملاشماقتا

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

2232100
ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نارازىلىقلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە داۋاملاشماقتا
londra filistin destekcileri.jpg
new york filistin destekcileri.jpg
berlin filistin destekcileri.jpg
hollanda filistin destekcileri.jpg

ئەنگلىيەنىڭ پايتەختى لوندوندا نامايىشچىلار يېنىدا ئېلىپ كەلگەن گۈللەر ۋە بالىلار كىيىملىرىنى باش مىنىستىرلىق بىناسى ئالدىغا قويدى. ئۇزاق مۇددەتلىك ئۇرۇش توختىتىش چاقىرىقىدا بولدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبلىك خەلقئارالىق سوتلاردا سوراققا تارتىلىشى تەلەپ قىلىندى.

نامايىشچىلار ئەنگلىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى BBC نىڭ ئالدىغا قاراپ يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا، ساقچىلار توساقلارنى قۇرۇپ يوللارنى توستى. بەزىدە نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەدى، نۇرغۇنلىغان نامايىشچى قولغا ئېلىندى.

گېرمانىيەدىمۇ مىڭلىغان كىشى پەلەستىننى قوللاش نامايىشىغا قاتناشتى.

پايتەخت بېرلىندا نامايىشچىلار غەززەدىكى ئۇرۇش توختىتىشنى تەبرىكلەش ئۈچۈن يۈرۈش قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر قوللىرىدا قىزىل گۈل كۆتۈرۈپ ماڭدى.

كەڭ كۆلەملىك بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانغان ساقچىلار بىلەن نامايىشچىلار بەزىدە قارشىلاشتى، نامايىشچىلاردىن قولغا ئېلىنغانلارمۇ بولدى.

گوللاندىيەنىڭ پايتەختى ئامستېردامدىمۇ يۈزلىگەن كىشى پەلەستىننى قوللاش مەقسىتىدە توپلاندى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا نارازىلىق بىلدۈرۈلدى، ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك بولۇشى چاقىرىقى قىلىندى.

ئامېرىكادىمۇ نيۇيورك تايمس گېزىتى بىناسى ئالدىدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى.

ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىد بىلەن شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولمدىمۇ نامايىشچىلار پەلەستىننى قوللاش ئۈچۈن بىر يەرگە توپلاندى.

ستوكھولمدا يۈزلىگەن كىشى غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ئىسرائىلىيەگە ئىمبارگو يۈرگۈزۈشىنى تەلەپ قىلدى. رايونغا ئىنسانىي ياردەم يەتكۈزۈش چاقىرىقىدا بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر