ئىسپانىيەدىكى مۇز تېيىلىش مەركىزىدە ئاسما كابىنت چۈشۈپ كېتىپ 30 كىشى يارىلاندى

ئىسپانىيەنىڭ شىمالىدىكى مۇز تېيىلىش مەركىزىدە تېلېسىيەج (ئاسما كابىنت) نىڭ چۈشۈپ كېتىشى نەتىجىسىدە 17 سى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 30 كىشى يارىلاندى.

2232056
ئىسپانىيەدىكى مۇز تېيىلىش مەركىزىدە ئاسما كابىنت چۈشۈپ كېتىپ 30 كىشى يارىلاندى

ئىسپانىيەنىڭ  شىمالىدا، فرانسىيە چېگراسىدا جايلاشقان ئاستۇن مۇز تىيىلىش مەركىزىدە ئاسما كابىنت ئۈزۈلۈپ چۈشۈپ كەتتى، ئەمما تېخىچە سەۋەبى ئېنىقلانمىدى.

شاھىتلار ئاسما كابىنتنىڭ  مۇز تېيىلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە چۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى،  ۋەقەدە 17 سى ئېغىر بولۇپ، جەمئىي 30 كىشى يارىلاندى.

ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، تەخمىنەن 80 كىشىنىڭ ئاسما كابىنتتا قاپسىلىپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

يارىلانغانلار، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىللىرى ۋە تىك ئۇچارلار بىلەن يېقىندىكى دوختۇرخانىلارغا يۆتكەلدى.

ۋەقەدىن كېيىن تېيىلىش مەركىزى تاقالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر