نىگېرىيەدە يېقۇلغۇ توشۇيدىغان تانكېر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 77  كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ شىمالىدىكى نىگېر ئۆلكىسىدە يېقۇلغۇ توشۇيدىغان تانكېر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى 77 گە چىقتى.

2232054
نىگېرىيەدە يېقۇلغۇ توشۇيدىغان تانكېر ئاپتوموبىلنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 77  كىشى قازا قىلدى

نىگېرىيەنىڭ دىككو-ماجې تاشيولىدا يېقۇلغۇ ئاپتوموبىلىنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە 77 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

پارتلاشتا 25 كىشى يارىلاندى. يارىلانغانلار ئەتراپتىكى دوختۇرخانىلاردا بالنىستقا ئېلىندى.

نىگېر ئۆلكىسىگە قاراشلىق دىككو-ماجې تاشيولىدا تۈنۈگۈن يېقۇلغۇ ئاپتوموبىلى ھەددىدىن زىيادە تېز سۈرئەت بىلەن ماڭغانلىقى سەۋەبىدىن كونتروللۇقتىن چىقىپ ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئىدى.

يەرلىك ئاھالىلەر ئۆرۈلۈپ كەتكەن ئاپتوموبىلدىكى يېقۇلغۇنى بوشىتىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان پەيتتە يېقۇلغۇ ئاپتوموبىلى پارتلاپ، نۇرغۇن كىشى كۆيۈپ جان ئۈزگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر