خۇسىيلار، ئامېرىكا  ئاۋىياماتكىسىغا بىر ئاي ئىچىدە 8-قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشىى ئاستىدىكى خۇسىيلار، قىزىل دېڭىزدا ئامېرىكاغا تەۋە «USS Harry S. Truman» ئاۋىياماتكىسىغا بىر ئاي ئىچىدە 8-قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2232105
خۇسىيلار، ئامېرىكا  ئاۋىياماتكىسىغا بىر ئاي ئىچىدە 8-قېتىم ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى

خۇسىيلارنىڭ ھەربىي باياناتچىسى يەھيا سەرى باياناتىدا: «قىزىل دېڭىزنىڭ شىمالىدا تۇرۇۋاتقان ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى USS Harry S. Truman ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېلىۋاتقان بەزى ئۇرۇش پاراخوتلىرى، بىر قىسىم باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن ھۇجۇم نىشانى قىلىندى» دېدى.

يەھيا سەرى، ھۇجۇمنىڭ ئامېرىكا ئاۋىياماتكىسى قىزىل دېڭىزغا كەلگەندىن بۇيان 8-قېتىملىق ھۇجۇم بولغانلىقى تەرەپكە دىققەتلەرنى تارتتى.

بومبىلارنىڭ نىشانلارغا مۇۋەپپەقىيەتلىك يېتىپ بارغانلىقىنى ئېيتقان يەھيا سەرى، ھۇجۇم سەۋەبىدىن پاراخوتنىڭ ھەرىكەت رايونىنى تاشلاپ كېتىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەھيا سەرى، غەززە رايونىدا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس قاتارلىق پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش گۇرۇپپىلىرى ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا يەمەنگە ھۇجۇم قىلىنسا، «ئالاھىدە ھەربىي ھەرىكەتلەر» بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

يەمەندە ئىراننىڭ قوللىشىى ئاستىدىكى خۇسىيلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇملىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇش سەۋەبى بىلەن 2023-يىلى 31-ئۆكتەبىردىن بۇيان يەمەن دېڭىز قىرغاقلىرىدا ئىسرائىلىيە شىركەتلىرىگە تەۋە دەپ قارالغان سودا پاراخوتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ، بەزىلىرىگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار بىلەن ھۇجۇم قىىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر