خىتاينىڭ (جاسۇس) ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى TikTokئامېرىكادا رەسمىي چەكلەندى
خىتاينىڭ (جاسۇس) ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى TikTokبىر ئامېرىكا شىركىتىگە سېتىلمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكادا چەكلىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇنغا بىنائەن ئىشلىتىلىشتىن توختىتىلدى.

ئامېرىكا جەمئىيىتىدە ئۇزۇن مۇددەت تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولغان TikTok ئامېرىكادا 19-يانۋاردا چەكلەشنىڭ باشلىنىشىغا بىر قانچە سائەت قالغاندا زىيارەتتىن رەسمىي توختىتىلدى.
ئامېرىكانىڭ سايلانغان پىرېزىدېنتى ترامپ، تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، TikTok نىڭ ئالاقىدار قانۇنغا رىئايە قىلىپ، چەكلەشتىن قۇتۇلالىشى ئۈچۈن شىركەتكە 90 كۈنلۈك قوشۇمچە ۋاقىت بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا ئالىي سوت مەھكىمىسى جۈمە كۈنى، خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى TikTok نىڭ سېتىلمىغان ئەھۋالدا ئامېرىكادا چەكلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىنى تەستىقلىغان ئىدى.
بىردەك ئاۋاز بىلەن ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن، ئىجتىمائىي ئالاقە دېتالى، قاراركۈچكە ئىگە بولىدىغان 19-يانۋارغىچە سېتىلمىغان ئەھۋالدا، Google ۋە Apple قاتارلىق سۇپىلاردىن ئۆچۈرۈلىدۇ ۋە دېتالنىڭ مەزكۇر چېسلادىن كېيىن تېلېفون، كومپىيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرگە چۈشۈرۈلۈشى توسۇلغان بولىدۇ.