جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتى قولغا ئېلىندى
جەنۇبىي كورېيەدە ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بېرىلغان تەكشۈرۈش دائىرىسىدە پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان يۇن سۇك يېئول «قوزغىلاڭغا يېتەكچىلىك قىلىش» ۋە «ھوقۇقىنى سۈيىئىستېمال قىلىش» جىنايەتلىرى بىلەن قولغا ئېلىندى.
2232112



يۇن سۇك يېئولنىڭ قولغا ئېلىنىشىدىن كېيىن ئۇنى قوللىغۇچىلار سوت بىناسىغا بېسىپ كىردى ۋە ساقچىلار بىلەن توقۇنۇش يۈز بەردى. 45 نامايىشچى قولغا ئېلىندى.
يۇن، قولغا ئېلىش مەركىزىدە تىنچ نامايىش قىلىش چاقىرىقى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئالىي تەپتىش ئىدارىسى نامايىشلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن گۇرۇپپا قۇردى.
يۇن 15-يانۋاردا نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ سوراق جەريانىدا ئىپادە بېرىشنى رەت قىلغانىدى.
يۇن، 2024-يىلى 3-دېكابىردا ھەربىي ھالەت ئېلان قىلىش سەۋەبىدىن «قوزغىلاڭ» ۋە «ۋەزىپىنى سۈيىئىستېمال قىلىش» گۇمانى بىلەن تەكشۈرۈلمەكتە ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.