گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنى لىۋاندىن  چېكىنىشكە چاقىرىق قىلدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېس، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ، ئورۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ شەرتلىرىگە بىنائەن بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا لىۋان زېمىنىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

2232107
گۇتېررېس، ئىسرائىلىيەنى لىۋاندىن  چېكىنىشكە چاقىرىق قىلدى

گۇتېررېس، لىۋانغا قىلغان زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك پايتەخت بەيرۇتتا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ مۇقىم بولمىغان ھالدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن گۇتېررېس: «تەرەپلەرگە ۋە تەسىرى بار بارلىق دۆلەتلەرگە ئۇرۇش توختىتىش شەرتلىرىنى ئىجرا قىلىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش چاقىرىقى قىلىمەن» دېدى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى گۇتېررېس: «ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ (ئۇرۇش توختىتىشتا) بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا لىۋان زېمىنىدىن چېكىنىشى ھەمدە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبقا ئورۇنلىشىشى چوقۇم ئىشقا ئېشىشى كېرەك» دېدى.

لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى، 2024-يىلى 27-نويابىر چارشەنبە كۈنى شۇ يەرنىڭ ۋاقتى سائەت 04:00 دە كۈچكە ئىگە بولغان ئىدى.

كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى ماددىسىدا: «لىۋان ھۆكۈمىتى، ھىزبۇللاھ ياكى لىۋان زېمىنىدا تۇرۇشلۇق باشقا بارلىق قوراللىق گۇرۇپپىلارنىڭ ئىسرائىلىيەگە قارشى ھەرقانداق ھەرىكەت قىلىشىنى توسۇپ قالىدۇ ۋە ئىسرائىلىيەمۇ لىۋاندا ئاممىۋىي، ھەربىي ياكى دۆلەتكە تەۋە نىشانلارغا قۇرۇقلۇق، دېڭىز ياكى ھاۋادىن ھەرقانداق ھەربىي ھۇجۇم قىلمايدۇ» دېيىلگەن ئىدى.

كېلىشىم بويىچە لىۋان ئارمىيەسىنىڭ، 60 كۈن ئىچىدە ئىسرائىلىيەنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدا ئىشغال قىلغان رايونلىرىغا باسقۇچلۇق ھالدا ئورۇنلىشىشى بەلگىلەنگەن ئىدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى بومباردىمان قىلىش ۋە ئۆي چېقىش قاتارلىق ھەرىكەتلەر بىلەن ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر