ئىسرائىلىيە كابىنېتى تىنچلىق كېلىشىمىنى تەستىقلاش ئۈچۈن يىغىن ئاچىدۇ
ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتى غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش ئۈچۈن بۈگۈن يىغىن ئاچىدۇ.

ئىسرائىلىيە تاراتقۇلىرى قاتارنىڭ پايتەختى دوھادا ئۆتكۈزۈلگەن تىنچلىق سۆھبىتى نەتىجىسىدە ھاماس بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپلارنىڭ تۈنۈگۈن ھەل قىلىنىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ بۈگۈن غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى تەستىقلاش ئۈچۈن يىغىن ئاچىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى تۈنۈگۈن ھاماسنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىكى بەزى ماددىلاردىن يېنىۋېلىپ لايىھەنى ئۆزگەرتىۋېتىش بىلەن ئەيىبلەپ، «ھاماس كېلىشىمنىڭ بارلىق ماددىلىرىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ۋاسىتىچىلارغا بىلدۈرمىگۈچە، ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ يىغىن ئاچمايدىغانلىقى» نى ئېلان قىلغانىدى.
ئىسرائىلىيە مەتبۇئاتلىرى ئىسرائىلىيە ھەيئىتىنىڭ قويۇپ بېرىلىدىغان پەلەستىنلىك مەھبۇسلارنىڭ ئىسىملىرى ھەققىدىكى كېلىشمەسلىك قاتارلىق ئىختىلاپلارنى مۇھاكىمە قىلغانلىقىنى يازغانىدى.
ۋاسىتىچى دۆلەتلەردىن قاتار 15-يانۋار كۈنى ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم تۈزۈلگەنلىكىنى جاكارلىغانىدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر كېلىشىم 19-يانۋار يەكشەنبە كۈنىدىن ئېتىبارەن كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.
ئۈچ باسقۇچلۇق ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى 42 كۈنىدە ئىسرائىلىيەلىك 33 ئەسىر قويۇپ بېرىلىدىكەن.
كېلىشىم غەززە رايونىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يەتكۈزۈلۈشى بىلەن بىرگە، يۇرت – ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ رايونلىرىغا بىخەتەر ھالدا قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
كېلىشىمنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچلىرىنىڭ تەپسىلاتلىرى بىرىنچى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.