ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك مىنىستىرى: ئۇرۇش توختىتىلسا ھۆكۈمەتتىن چېكىنىمەن
ئىسرائىلىيەدە ئەسەبىي ئوڭچىل دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان ئەھۋالدا ھۆكۈمەتتىن چېكىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

ئىسرائىلىيە دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى ئىتامار بېن-گۋىر ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بۈگۈنكى بىخەتەرلىك كابىنېتىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغان ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان ئەھۋالدا، ئۆزى رەھبەرلىك قىلىۋاتقان يەھۇدىي كۈچى پارتىيەسىنى ھۆكۈمەتتىن چېكىندۈرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«بۇ پەرۋاسىز كېلىشىم تەستىقلىنىپ ئىجرا قىلىنسا، يەھۇدىي كۈچى پارتىيەسى ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسمى بولمايدۇ ۋە ھۆكۈمەتتىن چېكىنىدۇ.»
مىنىستىر بېن-گۋىر بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ شېرىكىنىڭ باشقا بىر ئەسەبىي ئوڭچىل مالىيە مىنىستىرى بېزالېل سموترىچقا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى توسۇش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش توغرۇلۇق تەكلىپ سۇنغانىدى.
ئىسرائىلىيەدە بىخەتەرلىك كابىنېتىنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئىختىلاپلارنىڭ ھەل قىلىنىشىدىن كېيىن، ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمنى تەستىقلاش ئۈچۈن بۈگۈن يىغىن ئاچىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.
ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە پارلامېنتىدا 7 ئورۇنغا ئىگە بولغان سموترىچ رەھبەرلىكىدىكى دىنىي زىيونىزم پارتىيەسى بىلەن 6 ئورۇنغا ئىگە بېن-گۋىر رەھبەرلىكىدىكى يەھۇدىي كۈچى پارتىيەسى ھەمكارلاشقان تەقدىردە، ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇۋېتىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئاۋازغا ئېرىشەلەيدىكەن.
ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي تۈزۈمىگە ئاساسلانغاندا، ھۆكۈمەتنىڭ ئەڭ ئاز 61 پارلامېنت ئەزاسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك ئىكەن، نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەت بولسا پارلامېنتتىكى 120 ئورۇننىڭ 68 ىگە ئىگە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.