تۈركىيە ئامېرىكانى ئەيىبلىدى
تۈركىيە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قورال - ياراغ سېتىش قارارىنى ئەيىبلىدى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قورال - ياراغ سېتىش قارارى ھەققىدە يازما بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، ئەنقەرەنىڭ قارىشىنىڭ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدىكى قاراشلار بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى:
«ئامېرىكا تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان، ۋاشىنگتوننىڭ جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىگە قورال - ياراغ سېتىش ۋە ھەربىي تەلىم – تەربىيە ھەققىدە چىقارغان قارارىنى ئەيىبلەيمىز. ئارالدىكى قوراللىنىش پائالىيەتلىرىنى ئەۋج ئالدۇرۇۋېتىدىغان بۇ قارارنى ئېغىر خاتالىق دەپ قارايمىز.
رايوننىڭ ئىنتايىن سەزگۈر بىر مەزگىلنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقانلىقى نەزەردە تۇتۇلغىنىدا، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قۇترىتىش خاراكتېرلىك قەدەملەردىن ساقلىنىشى ۋە ئەقىلگە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىشى ئىنتايىن مۇھىم.
ئامېرىكانىڭ يېقىندا ۋەزىپىگە ئولتۇرىدىغان يېڭى رەھبەرلىكىدىن، ھازىرقى پىرېزىدېنت تەرىپىدىن بېسىلغان بۇ خاتا قەدەمدىن قايتىشىنى كۈتۈۋاتىمىز. ئانا ۋەتەن ۋە كاپالەتچى دۆلەت تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇداپىئە ۋە خەۋپنىڭ ئالدىنى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش مەقسىتىدە باسىدىغان قەدەملىرىنى قوللاشنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرىمىز.»
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن 1961-يىلقى تاشقى ياردەم قانۇنىغا ئاساسەن، جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنىڭ ئامېرىكادىن «مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى» سېتىۋېلىشىغا يول قويىدىغان قارارنى ئېلان قىلغانىدى.
ئاق ساراي تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلگەنىدى:
«جەنۇبىي قىبرىس رۇم ھاكىمىيىتىنى مۇداپىئە ئۈسكۈنىلىرى ۋە مۇلازىمەتلىرى بىلەن تەمىنلەش ئامېرىكانىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا تىنچلىقىنى قوغدايدۇ.»
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.