ھاماس ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

پەلەستىن ئىسلامىي قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى — ھاماس، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شەرتلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان توسالغۇلارنىڭ ۋاسىتىچىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ھەل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

2231767
ھاماس ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى

ھاماس يازما بايانات ئېلان قىلىپ، «ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى شەرتلىرىگە ئەمەل قىلماسلىقىدىن كېلىپ چىققان توسالغۇلار، ۋاسىتىچىلەرنىڭ قىممەتلىك تىرىشچانلىقى بىلەن بۈگۈن ئەتىگەندە ھەل قىلىندى» دېدى.

ھاماسنىڭ پەلەستىنلىك گۇرۇپپىلار ۋە خەلقنىڭ بارلىق قاتلىمىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن «مىللىي ئەسىر ئالماشتۇرۇش»نى نىشان قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، «ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى باسقۇچىدا قويۇپ بېرىلىدىغانلارنىڭ تىزىملىكى، باسقۇچ ۋە تەرتىپلىرىگە ئاساسەن ئەسىرلەر ئىدارىسى ئارقىلىق ئېلان قىلىنىدۇ» دېيىلدى.

ۋاسىتىچى دۆلەتلەردىن قاتار 15-يانۋاردا ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

كېلىشىم 19-يانۋار يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. ئۈچ باسقۇچتىن تەشكىل تاپىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى 42 كۈنىدە ئىسرائىلىيەلىك 33 ئەسىر قويۇپ بېرىلىدۇ.

كېلىشىم غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ كەڭ كۆلەمدە يېتىپ بېرىشى بىلەن بىرگە، يۇرتىدىن ئايرىلغان پەلەستىنلىكلەرنىڭ رايونلىرىغا قايتىپ كېلەلىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى باسقۇچنىڭ تەپسىلاتلىرى بىرىنچى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىسرائىلىيە ھاماسنى ئەيىبلەپ كېلىشىمنى تەستىقلاشنى كېچىكتۈرگەن بىر پەيتتە، ھاماس ئۇرۇش توختىتىشقا سادىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر