دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا چاقىردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنياۋى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىگە قارشى كۈرەش ئۈچۈن  1 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ياردەم توپلاش خىزمىتىنى قوللاشقا چاقىردى.

2231808
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خەلقئارا جەمئىيەتنى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا چاقىردى

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ  خەلقئارا جەمئىيەتنى دۇنياۋى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىگە قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىشقا چاقىرىپ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى مىسلى كۆرۈلمىگەن دۇنياۋى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۈچۈن 2025-يىلى دۇنيا مىقياسىدا 1 مىليارد 500 مىليون دوللارلىق ياردەم توپلاش خىزمىتىنى ئىشقا كىرىشتۈردى.

توقۇنۇش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ۋە يۇرت-ماكانىدىن ئايرىلىپ قېلىش قاتارلىق ئامىللار ئوخشاش شەكىلدىكى ساغلاملىق كىرىزىسلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.

2025-يىلى 305 مىليون ئادەم جىددىي ئىنسانىي ياردەمگە موھتاج بولىدۇ.»

باياناتتا، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇسنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى:

«بۇ چاقىرىق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇشى، ئۇلارنىڭ ساغلاملىق ھوقۇقىنى قوغدىشى ۋە ئۈمىد يوق يەرلەردە ئۈمىد يارىتىشى ئۈچۈن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر