بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپمۇ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى پىكرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى.
2231542

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنىڭ ئالدىدا ئاخىرقى قېتىملىق م س ن ب س نىيۇس (MSNBC News ) قانىلىنىڭ مۇخبىرى لاۋرېنس ئو دوننېل (Lawrance O'Donnell) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
ئۇ ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە بولۇپمۇ غەززە مەسىلىسىنىڭ قىيىن مەسىلىلەر ئىكەنلىكىنى، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى بىلدۈرۈپ، پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى بولسىمۇ ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىدىن خۇشال ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئىسىرائىلىيەنىڭ ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن پەلەستىن مەسىلىسىگە كەڭ نۇقتىدىن قارىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «ئىسىرائىلىيەنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىنى ۋە پەلەستىنلىكلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى نەزەرگە ئالماي تۇرۇپمۇ ئۇزۇنغىچە مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرالايدىغانلىقى پىكرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ» دېدى.
ئۇ ئىسىرائىلىيە باش مىنىستىرى نېتانياھۇنى «مېنىڭ دوستۇم» دەپ تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى:
«مەن دوستۇم بىبى نېتانياھۇغا پەلەستىنلىك دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ ئىجتىمائىي توپنىڭ قانۇنلۇق ئەندىشەسىنى ئويلىشىشنىڭ يولىنى تېپىشى كېرەكلىكىنى ھەر دائىم ئەسكەرتتىم.»
ئۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى مالىمانچىلىق داۋاملىشىۋاتقان مۇھىتتا رايون ئۇرۇشى خەۋىپىدىن ساقلانغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ سەۋەبتىن ئىسرائىلىيەنى كۈچلۈك قوللىغانلىقلىرىنى، يەنە بىر تەرەپتىن توقۇنۇشنى توختىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى قەيت قىلدى.
ئۇ ئىران بىلەن ھىزبۇللاھنىڭ بۇرۇنقىغا سېلىشتۇرغاندا ئاجىزلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.