رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇردى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى دائىرىسىدە ھەر ئىككى تەرەپتىن 25 تىن ئەسكەر قويۇپ بېرىلدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدا ئەسىر ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:
«تىنچلىق سۆھبىتى مۇساپىسى نەتىجىسىدە كىيېۋ ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىنلاردىن 25 رۇسىيە ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى. بۇنىڭ بەدىلىگە 25 ئۇكرائىنا ئەسكىرى قويۇپ بېرىلدى. قويۇپ بېرىلگەن رۇسىيە ئەسكەرلىرى بېلارۇسىيەدە زۆرۈر تىببىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ياردەم بېرىلمەكتە. ئەسكەرلىرىمىز مىنىستىرلىققا قاراشلىق سەھىيە مەركەزلىرىدە داۋالىنىشى ئۈچۈن موسكۋاغا يەتكۈزۈلىدۇ.»
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتىدىكى سەھىپىسىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا مۇنداق دېدى:
«25 ئەسكەر ۋە پۇقرامىز ئۆيلىرىگە قايتىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېغىر يارىدارلار ۋە بىمارلارمۇ بار، ھەر بىرىگە زۆرۈر تىببىي ياردەم بېرىلىدۇ.»
زېلېنسكىي ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدە مۇرەسسەچىلىك قىلغانلىقى ۋە ناھايىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىگە مىننەتدارلىق بىلدۈردى.
30-دېكابىر كۈنى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئۆزئارا ئەسىر ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، رۇسىيەلىك ۋە ئۇكرائىنالىق 300 دىن ئارتۇق ئەسكەرنىڭ دۆلىتىگە قايتقانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.