جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنى ھەربىي ھەمكارلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي ھەمكارلىقنى توختىتىشقا چاقىردى.

2231339
جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنى ھەربىي ھەمكارلىققا خاتىمە بېرىشكە چاقىردى

جەنۇبىي كورېيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چو چاڭرې پايتەخت سېئۇلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى — ناتونىڭ سىياسىي ئىشلار ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتىگە مەسئۇل مۇئاۋىن باش كاتىپى بورىس رۇگې بىلەن كۆرۈشتى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى كورېيە يېرىم ئارىلىدىكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنى ھەمدە شىمالىي كورېيە بىلەن رۇسىيەنىڭ «قانۇنسىز ھەربىي ھەمكارلىقى»غا دائىر ئەندىشىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

بۇ ھەمكارلىقنىڭ دەرھال توختىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىككى تەرەپ ئەمەلدارلىرى، جەنۇبىي كورېيە بىلەن ناتو ئوتتۇرىسىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

موسكۋا - پيوڭياڭ مۇناسىۋەتلىرى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى موسكۋا بىلەن پيوڭياڭ ئوتتۇرىسىدا ئىيۇندا ئىمزالانغان كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك كېلىشىمىنىڭ دېكابىردا كۈچكە ئىگە بولغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.

بۇ كېلىشىمنىڭ تەرەپلەردىن بىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزئارا ھەربىي ياردەملىشىشنى مەزمۇن قىلىدىغانلىقى، شەرقىي شىمالىي ئاسىيا ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونلىرىدا بىرلىككە كەلگەن بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ ئورنىتىلىشى ھەمدە كۆپ قۇتۇپلۇق دۇنيا تەرتىپىنىڭ بەرپا قىلىنىشىغا تۆھپە قوشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر