غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغان بولۇشىغا قارىماي، غەززە رايونىدىكى پەلەستىن زېمىنلىرىغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

2231301
غەززە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن ئىسرائىلىيەنىڭ ئېغىر ھاۋا ھۇجۇملىرىغا ئۇچرىدى

يەكشەنبە كۈنى يولغا قويۇلىدىغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى غەززە رايونىنىڭ شىمالى ۋە غەززە شەھىرىنى بومباردىمان قىلدى، ھاۋا ھۇجۇملىرىدا كەم دېگەندە 38 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ھاۋا ھۇجۇملىرىدا نىشانغا ئېلىنغان رايونلاردا چوڭ پارتلاشلار يۈز بەردى، ئارقىدىنلا مەزكۇر رايونلارنى قويۇق ئىس - تۈتەك قاپلاپ كەتتى.

پەلەستىن ئاخبارات ئاگېنتلىقى «ۋافا» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەدىكى شەيخ رىزۋان مەھەللىسىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 20 پەلەستىنلىك، بۇ شەھەرنىڭ شەرقىدىكى ئەددەراج مەھەللىسىدە تۇرۇشلۇق نەبىھ ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا 3 پەلەستىنلىك، ئەلمۇزنىر ئائىلىسىگە تەۋە بىناغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 4 پەلەستىنلىك، ئەششۇجائىيە مەھەللىسىدە بىر ئۆيگە قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇمىدا بىر قىز بالا، غەززە رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇس شەھىرىدە ئەللىھام ئائىلىسىنىڭ ئۆيىگە قىلىنغان ھۇجۇمدا بولسا 2 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان.

غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىغا قىلىنغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا ئاز دېگەندە 3 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، بىرقانچە كىشى يارىلانغان.

تۈنۈگۈن (15-يانۋار) كەچ تەرەپلەردە ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقى، كېلىشىمنىڭ يەكشەنبە (19-يانۋار) كۈنى يولغا قويۇلىدىغانلىقى جاكارلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر