دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى: غەززەگە ياردەمنى كۈچەيتىشكە تەييارمىز
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس سەھىيە جەھەتتىكى ئېھتىياجلىرى ناھايىتى زور بولغان غەززەگە ياردەملىرىنى كۈچەيتىشكە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈردى.
دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى باش دېرىكتورى تېدروس ئادانوم گېبرېيۇس ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلىنغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.
گېبرېيۇس باياناتىدا، غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە ئەسىرلەرنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلىنىشىنىڭ ناھايىتى خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«ئۇرۇش ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنىڭ جېنىغا زامىن بولدى، ناھايىتى كۆپ ئائىلە ئازاب تارتتى. بارلىق تەرەپلەرنىڭ كېلىشىمگە ھۆرمەت قىلىشىنى ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.»
گېبرېيۇس غەززەدىكى سەھىيە ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ يەنىلا ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:
«دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ياردىمىنى كۈچەيتىشكە تەيياردۇر.»