ياۋروپا ئىتتىپاقى ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكى چەكلىمىسىگە قارشى چىقتى
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار ئۆزەكلەرنىڭ بەزى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە ئېكسپورت قىلىنىشىنىمۇ چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى.
2230695

ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ پەن-تېخنىكا ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى خېننا ۋىركۇنېن ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ سودا-تىجارەت ۋە ئىقتىسادىي بىخەتەرلىككە مەسئۇل ئەزاسى ماروس سېفچوۋىچ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ئىلغار تىپتىكى ئۆزەكلەرنىڭ ئېكسپورتىنى چەكلەشنى مەزمۇن قىلغان يېڭى تۈزۈمى ھەققىدە قوشما بايانات ئېلان قىلىپ: «ئامېرىكانىڭ بەزى ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ئىلغار تىپتىكى سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى ئىمپورت قىلىشىنى چەكلەيدىغان تەدبىرلىرىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىمىز» دېدى.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىز ھالدا ئىلغار تىپتىكى سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنى سېتىۋېلىشىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولۇپمۇ بىخەتەرلىك ساھەسىدە يېقىن ھەمكارلىقى بارلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا، ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەھدىتى ئەمەسلىكى ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەر يارىتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئەندىشىلىرىنى ھازىرقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن ئورتاقلاشقانلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇ ھەقتە يېڭى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىلەن بەرپاچى ئالاقە ئورنىتىشقا تىرىشىدىغانلىقى، سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى ۋە سۈپەر كومپيۇتېرلار جەھەتتە بىخەتەر ئاتلانتىك ئوكيان تەمىنات زەنجىرى قۇرغىلى بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئامېرىكا ئالدىنقى كۈنى سۈنئىي ئەقىل ئۆزەكلىرىنىڭ ئېكسپورتىغا دائىر يېڭى تۈزۈم ئېلان قىلغانىدى.
بۇ تۈزۈمدە ئاۋسترالىيە، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، فىنلاندىيە، فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىرېلاندىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، گوللاندىيە، يېڭى زېلاندىيە، نورۋېگىيە، جەنۇبىي كورېيە، ئىسپانىيە، شۋېتسىيە، تەيۋەن ۋە بىرلەشمە پادىشاھلىق قاتارلىق 18 ئىتتىپاقداش ۋە ھەمكارلاشقۇچى دۆلەتكە ئۆزەك سېتىشقا ھېچقانداق چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقى، باشقا دۆلەتلەرگە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغانىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا ئۇكرائىنا يىغىنى چاقىرىلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدا باشلىقلار يىغىنى چاقىرىلدى.