رۇسىيە ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنمەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى
رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، موسكۋانىڭ سۈرىيە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلەردە پايدىلىق رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنمەيمىز» دېدى.
2230689

سېرگېي لاۋروۋ پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، رۇسىيە دىپلوماتىيەسىنىڭ 2024-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىنى باھالىدى.
ئۇ سۈرىيەدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە توختىلىپ: «ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنمەيمىز. سۈرىيەدە بەزى ۋەقەلەر يۈز بەردى. بۇنىڭ ئارقىسىدا 10 يىل ئىچىدە سىياسىي جەرياننىڭ توسۇلۇپ قېلىشى، ھېچنېمىنى ئۆزگەرتمەسلىك ئىستىكى ياتاتتى» دېدى.
«ئامېرىكانىڭ سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى ئىشغال قىلغانلىقى»نى تىلغ ائالغان لاۋروۋ: «بۇ رايوندا نېفىتلىكلەر بار. بۇ رايوندا قولغا كەلتۈرۈلگەن بايلىقلار سۈرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇ سۈرىيەدىكى كۇردلارغا «دەمەشق بىلەن كۆۋرۈك قۇرۇش» تەكلىپىنى سۇنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇلار بۇنى خالىمىدى. ئۇلار، ئۇ يەردە ئامېرىكالىقلارنىڭ تۇرىدىغانلىقىنى ۋە يېرىم دۆلەت قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىز ئۇلارغا مۇنداق چۈشەندۈرۈشكە تىرىشتۇق: تۈركىيە ۋە ئىراق كۇرد دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا يول قويمايدۇ (دېدۇق). كۇردلارنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ سۈرىيە، ئىراق، ئىران ۋە تۈركىيەدە مەسلىھەت قىلىنىشى ۋە قوغدىلىشى كېرەكلىكى پوزىتسىيەسىدە بولدۇق. بىر تەرەپتىن دەمەشق، يەنە بىر تەرەپتىن كۇردلار، سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى خالىمىدى» دېدى.
سۈرىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى چۆرىدەپ قۇرۇلغان مۇنبەرلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئالاقىنىڭ ئاجىز بولغانلىقىغا ئىشارەت قىلغان رۇس مىنىستىر: «شۇنداق قىلىپ بوشلۇق شەكىللەندى ۋە پارتلاش يۈز بەردى. رېئاللىقنى قوبۇل قىلىش كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
دۆلىتىنىڭ دەمەشقتىكى ئەلچىخانىسىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە سۈرىيەنىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئالاقىلەرنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان لاۋروۋ: «بىز سۈرىيە ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش يۆنىلىشىدىكى خىزمەتلەردە پايدىلىق رول ئويناشنى خالايمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سۈرىيەدىكى بارلىق سىياسىي، ئېتنىك، دىنىي كۈچلەر ۋە بارلىق تاشقى كۈچلەر ئىشتىراك قىلىدىغان كەڭ دائىرىلىك دىيالوگقا ئېھتىياج بار. تۈرك ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىدىكى مەنسەپداشلار بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار بۇ جەريانغا رۇسىيە، خىتاي ۋە ئىراننىڭ قېتىلىشى تەرەپدارى. بىز بۇنىڭغا تەييار» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.