كىربى: غەززەدە قۇربان بولغان پۇقرالار سانى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىدە كۆپ
ئامېرىكانىڭ ئاق ساراي دۆلەت بىخەتەرلىكى ئالاقە ئىشلىرى مەسلىھەتچىسى جون كىربى، غەززەدە ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان» دەرىجىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
2230756
پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى چەت ئەل تاراتقۇلىرى مەركىزىدە بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەت نەتىجىلىرىنى مۇھاكىمە قىلغان جون كىربى، تەرەپلەرنىڭ غەززەدە ئۇرۇش توختىتىشقا ناھايىتى يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
جون كىربى «بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسرائىلىيەنى قوللاش نۇقتىسىدىن غەززەدە قالدۇرغان مىراسى نۇرغۇن مۇنازىرىلەرنى پەيدا قىلدى، بۇ يەردە ئون مىڭلىغان گۇناھسىز پۇقرا ئۆلتۈرۈلدى، سىز بۇ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قولىڭىزدىن كېلىشىچە تىرىشتىڭىزمۇ، تېخىمۇ كۆپ ئىش قىلالمامتىڭىز؟» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەردى.
ئۇ غەززە مەسىلىسىدە ھەم ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆزىنى قوغدىشىنى ھەر جەھەتتىن قوللىغانلىقلىرىنى ھەمدە پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنى ئازايتىش جەھەتتە تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ: «ھازىر بۇ يەردە تۇرۇپ، ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى ئېيتمايمەن؛ بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ھەقىقىي ساننىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىز ئېيتقاندەك، پەرەز قىلىنغان ساندىن يۇقىرى بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ سان بەك كۆپ. بىر پۇقرانىڭ قۇربان بولۇشىمۇ ئەمەلىيەتتە بەك كۆپ. بىز باشتىن تارتىپ ئىسرائىلىيەلىكلەر بىلەن بىرلىكتە بۇ قۇربانلارنىڭ سانىنى ئازايتىشقا تىرىشتۇق» دېدى.
غەززەدە ئۆلتۈرۈلگەن پۇقرالار سانىنىڭ بەك يۇقىرى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان كىربى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ۋاشىنگتوننىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ ھاماسقا قارشى ئۆزىنى قوغدىشىغا ياردەم قىلىشتىن ۋاز كېچىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.