جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئول قولغا ئېلىندى

جەنۇبىي كورېيەنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلانغان پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئول قولغا ئېلىندى.

2230837
جەنۇبىي كورېيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى يۇن سۇك يېئول قولغا ئېلىندى

جەنۇبىي كورېيە دائىرىلىرى سابىق پىرېزىدېنت يۇننىڭ 3-دېكابىردا  <جىددىي ھالەت ئېلان قىلىش ئارقىلىق توپىلاڭ كۆتۈرۈش جىنايىتى> بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى.

جەنۇبىي كورېيەدە يۈز بەرگەن قالايمىقانچىلىقتىن كېيىن، 3 مىڭدىن ئارتۇق ساقچى خادىمى يۇننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن پايتەخت سېئۇلدىكى تۇرالغۇسى جايلاشقان رايونغا باردى؛ ساقچىلار بۇ يەردە پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى مۇھاپىزەتچىلەر ئەترىتىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى. بىخەتەرلىك خادىملىرى ئارىدىن كۆپ ئۆتمەي، تۇرالغۇغا يېتىپ بېرىپ يۇننى قولغا ئالدى.

بىخەتەرلىك كۈچلىرى ئىلگىرىمۇ يۇننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇرالغۇسىغا بارغان بولسىمۇ، ساقچىلار بىلەن مۇھاپىزەتچىلەر ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەچكە، يۇن قولغا ئېلىنالمىغانىدى.

پىرېزىدېنت يۇن سۇك يېئول 3-دېكابىر كېچىسى «ئۆكتىچىلەرنىڭ دۆلەتكە قارشى پائالىيەتلەرگە ئارىلاشقانلىقى» سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئېلان قىلغان بولسىمۇ، پارلامېنتنىڭ بۇ قارارنى بىكار قىلىشى بىلەن قارارىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر