ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 46 مىڭ 645 كە يەتتى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 46 مىڭ 645 كە يەتتى.

2230450
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 46 مىڭ 645 كە يەتتى

غەززەدىكى پەلەستىن سەھىيە مىنىستىرلىقى ئىسرائىلىيەنىڭ 465 كۈندىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان غەززە ھۇجۇملىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتقا قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە غەززەنىڭ ئوخشاش بولمىغان جايلىرىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردا يەنە 61 پەلەستىنلىكنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 281 پەلەستىنلىكنى يارىلاندۇرغان.

باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قاراتقان ھۇجۇملىرىدا قازا قىلغان پەلەستىنلىكلەر سانى 46 مىڭ 645 كە، يارىلانغانلار سانى 110 مىڭ 12 گە يەتكەن.

باياناتتا يەنە، خارابىلىكلەرنىڭ ئاستىدا ۋە يول بويلىرىدا قازا قىلغان كىشىلەرنىڭ بارلىقى، ئەمما ئىسرائىلىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسالغۇسى سەۋەبىدىن، داۋالاش ئەترىتى ۋە خەلق مۇداپىئە خادىملىرىنىڭ جەسەتلەرنى يۆتكىيەلمەيۋاتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر