سومالىدا دائېش ئەزاسى 20 تېررورچى  ئۆلتۈرۈلدى

سومالىنىڭ پۇتلاند ئۆلكىسىدە دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 20 تېررورچى ئۆلتۈرۈلدى.

2230441
سومالىدا دائېش ئەزاسى 20 تېررورچى  ئۆلتۈرۈلدى

پۇتلاند ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى باياناتچىسى گېنېرال مۇھەممۇد ئەھمەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائېش ئەزاسى تېررورچىلارنىڭ  مىسقاد تاغلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى بىلەن ھۇجۇم قىلىشىدىن كېيىن، دۆلەت خەۋپسىزلىك كۈچلىرى بىلەن دائېش ئەزاسى تېررورچىلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن.

توقۇنۇشتا 2 ئەسكەر ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 تېررورچى ئۆلتۈرۈلگەن، 9 ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى پاچاقلاپ تاشلانغان.

توقۇنۇشتىن كېيىن رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئىزىغا چۈشكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر