رۇسىيە گۇگۇلغا جەرىمانە قويدى

رۇسىيە گۇگۇلغا ئىلگىرى قويۇلغان جەرىمانىلەرنى تۆلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، 8 مىليارد رۇبلى جەرىمانە قويدى.

2230526
رۇسىيە گۇگۇلغا جەرىمانە قويدى

رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادىكى بىر سوت مەھكىمىسى گۇگۇل ئۈستىدىن سۇنۇلغان ئەرزنامىگە قاراپ چىقتى.

سوت مەھكىمىسى گوگۇلنى ئىلگىرى قويۇلغان جەرىمانىلەرنى تۆلىمەي قانۇنلارغا خىلاپلىق قىلغان دەپ قاراپ، ئۇنىڭ قايتىدىن 8 مىليارد رۇبلى (تەخمىنەن 78 مىليون دوللار) جەرىمانە تۆلىشىگە ھۆكۈم قىلدى.

رۇسىيەدە گۇگۇلنىڭ سىرتىدا يەنە ئالما شىركىتى، X، ئىنستاگرام ۋە فېيسبۇك قاتارلىق ھەر خىل چەت ئەل ئىجتىمائىي تاراتقۇ مۇنبەرلىرىگىمۇ بەزى مەزمۇنلارغا كىرىشنى چەكلىمىگەنلىكى سەۋەبىدىن جەرىمانە قويۇلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر