ب د ت يېڭى سۈرىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بەششار ئەسەت ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىنكى سىياسىي ئۆتكۈنچى باسقۇچتا تۇرۇۋاتقان سۈرىيەنى قىيىنچىلىقلار بىلەن كۈرەش قىلىش جەھەتتە قوللاپ-قۇۋۋەتلەشكە تەييار ئىكەنلىكىنى تەكرارلىدى.

ب د ت نىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى گېئىر پېدېرسېن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن سۈرىيە يىغىنىغا مۇناسىۋەتلىك يازما بايانات ئېلان قىلدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى فەيسەل بىن فەرخاننىڭ تەكلىپى بىلەن رىيادتىكى يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى بىلدۈرگەن پېدېرسېن، سۈرىيە خەلقىگە قارىتىلغان كۈچلۈك قوللاش ئۇچۇرىنى ۋە بۇ ھالقىلىق مەزگىلدە سۈرىيەدىكى ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرىغا ياردەم قىلىش ئىستىكىنى مەمنۇنلۇق بىلەن قارشى ئالغانلىقىنى قەيت قىلدى.
پېدېرسېن يىغىندا، سۈرىيەلىكلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئورتاق ۋە ئىشەنچلىك بىر ئۆتكۈنچى جەريانىغا بولغان ئېھتىياجنىڭ، سۈرىيە خەلقىنىڭ بۇ ئۆتكۈنچى جەريانىنى تىنچ يول بىلەن باشقۇرۇشى ۋە دۆلىتىنى قايتا قۇرۇشى ئۈچۈن ھەقىقىي مەنىدىكى بىر خەلقئارالىق ۋەدىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ب د ت نىڭ سۈرىيە ۋە سۈرىيە خەلقىنى بۇ تارىخىي پۇرسەت ۋە قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتا قوللاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدىم» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

پارىژدا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى
فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا خەلقئارا سۈرىيە مەسىلىسى يىغىنى چاقىرىلدى.