يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەمەننىڭ بەيدا شەھىرىدە بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى.

2229481
يەمەندىكى پارتلاشتا 8 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى

يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە، بەيدا شەھىرىدىكى بىر ماي قاچىلاش پونكىتىدا پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشتا ئاز دېگەندە 8 كىشىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى ۋە 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

پارتلاشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە تېخىچە ھېچقانداق بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر