ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، غەززەدىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى
«ھائارېتز» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، ئەسىر ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىدە ئىلگىرىلەش بولغانلىقى سەۋەبىدىن غەززە رايونىدىن ئەسكەرلەرنى تېز چېكىندۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل پىلانلارنىڭ تەستىقلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
2229480

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى، رايوندا قۇرغان نۇرغۇن ئاساسىي قۇرۇلما ۋە ئورۇنلارغا قارىماستىن، ئەسكەرلىرىنى رايوندىن تېز «چېكىندۈرۈش ئىقتىدارى» بارلىقىنى جاكارلىدى ھەمدە ئەسكەرلەرنى غەززەدىن تېز چېكىندۈرۈشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھۆكۈمەت ئىمزالايدىغان ھەر قانداق كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
«يېدىئوت ئاخرونوت» گېزىتى، سىياسىي مەنبەلەرنى ئاساس قىلغان خەۋىرىدە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھاماس ئوتتۇرىسىدىكى ئەسىر ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنىڭ تەپسىلاتلىرىنىڭ 90 پىرسەنتى ئۈستىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.