گېرمانىيە يېڭى «دۆلەت بىخەتەرلىكى قىسمى» قۇرۇپ چىقىدىغان بولدى
گېرمانىيە ئارمىيەسىدە، دۆلەتتىكى ئاساسىي قۇرۇلما ۋە مۇھىم ھەربىي ئورۇنلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىگە تەۋە يېڭى قىسىم قۇرۇلىدىغان بولدى.

گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى DPA نىڭ، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارمىيە باياناتچىسىنى مەنبە قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېڭى «دۆلەت بىخەتەرلىكى» قىسمى، مۇۋاپىق ۋە زاپاس ئەسكەرلەردىن تەشكىللىنىدىكەن.
قىسىم، ھەر قانداق جىددىيچىلىك، مۇداپىئە ياكى كرىزىس ھالىتىدە پورتلار، تۆمۈر يوللار، يۈك يۆتكەش نۇقتىلىرى، تۇرۇبا لىنىيەلىرى، دىگىتال ئاساسىي قۇرۇلمىلار ۋە ئەسكەرلەرنىڭ ئۆتۈش يوللىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن.
بۇ قىسىم ئارقىلىق يەنە گېرمانىيەنىڭ ناتو ئۈچۈن ھەربىي ھەرىكەت بازىسى ۋە مەركىزى بولۇش رولىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى نىشانلىنىدىكەن.
تىنچلىق مەزگىللىرىدە بولسا قىسىمغا تەۋە ئەسكەرلەر، ئاپەت، ۋابا ۋە تېرور قاتارلىق ئەھۋاللاردا ۋەزىپىگە تەيىنلىنەلەيدىكەن.
قىسىمنىڭ 1-ئاپرېلدا قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانلىقىغا ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانماقتا.
گېرمانىيە مۇداپىئە مىنىستىرى بورىس پىستورىئۇس، 2024-يىلى ئاپرېلدا گېرمانىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كەلگۈسىگە تەييار بولۇشى ئۈچۈن ئارمىيەسىدە قۇرۇلما جەھەتتىن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش قارارى ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
پىستورىئۇس، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «نىشانىمىز، گېرمانىيە ئارمىيەسىنىڭ جىددىي ئەھۋالدا، مۇداپىئە ھالىتىدە ۋە ئۇرۇش ھالىتىدە ئەڭ ياخشى شەكىلدە ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغان قابىلىيەتتە قايتا تەشكىللىنىشىدۇر» دېگەن ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر

ئىسسىق ئىقلىملىق بەزى دۆلەتلەردە قار ياغدى
ئىسسىق ئىقلىمى بىلەن تونۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان، ئىيوردانىيە، لىۋان ۋە ئىراقتا قار ياغدى.