ئامېرىكادىكى دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 11 گە يەتتى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 11 گە كۆپەيدى.

2229393
ئامېرىكادىكى دالا ئوت ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 11 گە يەتتى

لوس-ئانژېلىس شەھىرىدىكى سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، لوس-ئانژېلىس ۋە ئەتراپىدا كۈنلەردىن بېرى داۋاملىشىۋاتقان دالا ئوت ئاپىتىنى كونترول قىلىش خىزمەتلىرى توختىماي داۋاملاشماقتا ئىكەن.

كالىفورنىيە ئورمانچىلىق ۋە ئوت ئاپىتىدىن ساقلىنىش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 400 مولۇق يەرنى ۋەيران قىلغان لىدىيا ئوت ئاپىتىنىڭ 98 پىرسەنتى، 770 مولۇق يەرگە كېڭەيگەن خۇرست ئوت ئاپىتىنىڭ 70 پىرسەنتى ۋە 1050 مولۇق يەرنى كۆيدۈرۈۋەتكەن كېننېس ئوت ئاپىتىنىڭ 50 پىرسەنتى، 14 مىڭ مولۇق يەرنى ۋەيران قىلغان ئېتون ئوت ئاپىتىنىڭ 3 پىرسەنتى، 21 مىڭ 600 مولۇق يەرنى كۆيدۈرگەن پالىسادېس ئوت ئاپىتىنىڭ پەقەت 8 پىرسەنتىلا كونترول قىلىنالىغان.

ئاق ساراي ئوت ئاپىتى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلىپ، سۇ توشۇيالايدىغان 10 دېڭىز ئارمىيە تىك ئۇچارىنىڭ سان-دىيېگو رايونىدىن يولغا چىققانلىقىنى ۋە يەنە بىر ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانىنىڭمۇ يولدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ھازىر 5 چوڭ ئوت ئۆچۈرۈش ئايروپىلانى ۋە 20 دىن ئارتۇق فېدېرال تىك ئۇچار خىزمەتلەرگە ياردەم بەرمەكتە.

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقىمۇ ئوت ئۆچۈرۈش خىزمەتلىرىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن 500 خىزمەتچىنىڭ تەيىنلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن، ئوت ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ھەر بىرىگە جىددىي ئېھتىياجلىرىنى قامدىشى ئۈچۈن بىر قېتىملىق 750 دوللاردىن پۇل بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

لوس-ئانژېلىس رايونلۇق ساقچى باشلىقى روبېرت لۇنا، ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن پالىسادېس ۋە ئېتون رايونلىرىدا كېچىلىك كوچىغا چىقىشنىڭ چەكلىنىدىغانلىقىنى، بۇيرۇققا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا «خاتا قىلمىش سادىر قىلىش» بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتلىنىپ، 1000 دوللار جەرىمانە ياكى قاماق جازاسى بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى.

ئوت ئاپىتىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق قۇرۇلۇش زىيانغا ئۇچرىدى ياكى پۈتۈنلەي ئىشلەتكىلى بولمايدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر